2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2024.02.28 23:47 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر مۇخبىر ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە خەۋەر بەرمەكتە.

  شۇ كۈنى، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا، بېيجىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىدىكى مېيدىيا مەركىزىدە تەسىس قىلىنغان ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى ئايرىم ھالدا 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە 3000 دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشقا تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ئىچىدىكى مۇخبىر 2000 دىن ئارتۇق، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك مۇخبىر ۋە چەت ئەللىك مۇخبىر 1000 دىن ئارتۇق بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىزىملىتىش سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ