دۇنيادىكى قان ئىلمى ئالىملىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش-يىلىك كۆچۈرۈش «بېيجىڭ لايىھەسى»نى بەرپا قىلغۇچى ئاكادېمىك خۇاڭ شياۋجۈننى زىيارەت

2024.02.26 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  2021- يىل 8-ئايدا، ئاكادېمىك خۇاڭ شياۋجۈن بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبولاتورىيەسىدە كېسەل كۆردى. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بېيجىڭ داشۆسى قان كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور خۇاڭ شياۋجۈن «بېيجىڭ لايىھەسى» دەپ ئاتالغان بەدەن سىرتىدىن T ھۈجەيرىسىنى ئېلىۋەتمەي تاق لىنىيەلىك ماس كېلىدىغان يىلىك كۆچۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيادىكى 20 نەچچە تۈر، 70 نەچچە خىل قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ سان-ئانتونىئو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆچۈرۈش ۋە ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش يىللىق يىغىنىدا، خۇاڭ شياۋجۈن خەلقئارا قان ۋە يىلىك كۆچۈرۈش تەتقىقات مەركىزى تارقاتقان كۆزگە كۆرۈنگەن مۇلازىمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ