چېگرادىن ئېلىپ كىرىش-چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ! شيامېن تاموژنىسى بەش دانە پىل چىشىدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈردى

2024.02.20 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەسپىي ئاپپاراتلارنىڭ باھالىشى بىلەن، شيامېن تاموژنىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش تەكشۈرۈش يولىدا قولغا چۈشۈرگەن بەش بىلەيزۈك، زەنجىر قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇملار بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 178.7 گرام.

  بىر يولۇچى شيامېن گاۋچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەندە، تاموژنىنىڭ مەلۇم قىلىش يولى يوق تاموژنىدىن ئۆتۈش يولىنى تاللىدى. نەق مەيداندىكى تاموژنا خادىمى يۈك-تاقنى رېنتىگېن ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ئۇ ئېلىپ ماڭغان چامادان ئىچىگە ماتېرىيالى بىنورمال بىلەيزۈك، زەنجىر قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرى قاچىلانغانلىقىنى بايقىدى. ساندۇقنى ئېچىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، تاموژنا خادىمى چاماداندىن بىر چاي قۇتىسى تاپتى، قۇتا ئىچىدە قەلەي ياپراقچە بىلەن ئورالغان نەرسىلەر بار بولۇپ، ئاچقاندىن كېيىن ئىككى بىلەيزۈك، ئىككى زەنجىر، بىر ئۈزۈك بارلىقىنى بايقىدى، زىبۇ-زىننەتنىڭ سىرتقى يۈزى سۈت رەڭلىك، سۈپىتى قاتتىق، رەڭگى ئىللىق بولۇپ، باھالاش ئارقىلىق ھەممىسى پىل چىشىدىن ياسالغان بۇيۇم ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

  شيامېن تاموژنىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: پىل چىشى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» (CITES) قوشۇمچەIدە كۆرسىتىلگەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرگە تەۋە، قانۇن بويىچە «ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى» ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەردىن باشقا، پىل چىشى قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرىنى ئېلىپ- سېتىش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش مەنئى قىلىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ