مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى: قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار دىجورنىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ

2024.02.08 11:10 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى بۈگۈن كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، ھەرقايسى رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ۋە مەكتەپلەر بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دەم ئېلىشنى تەڭشەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئەمەلىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بەردى؛ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، دىجورنىلىق، نۆۋەتچىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار دىجورنىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، نۆۋەتچىلىك دىجورنىلىقتا رەھبىرىي كادىرلار، مەمۇرىي خادىملار ئاساس قىلىنىدۇ، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئازادە، خۇشال، بەختلىك قىشلىق تەتىل ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ