جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى يۈ خۇڭچېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى!

2024.01.31 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى يۈ خۇڭچېننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنىڭ بىرىنچى سوتىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

  خۇاڭشى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: جاۋابكار يۈ خۇڭچېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتكوم شۇجىسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق ھەمدە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىت ئارقىلىق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ شىركەت تىجارىتى، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋەزىپىگە رىقابەت بىلەن تەكلىپ قىلىنىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، 2010-يىل 4-ئايدىن 2023-يىل 2-ئايغىچە، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، باشقىلار بەرگەن مال مۈلۈكنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 22 مىليون 540 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مىليون 500 مىڭ يۈەنگە تېخى ئەمەلىي ئېرىشمىگەن. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن يۈ خۇڭچېننىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار يۈ خۇڭچېن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىنى يۈزلەشتۈرۈپ، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆز پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى يۈ خۇڭچېن، ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى سۆزلەپ، سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت ئاخىرىدا، سوت كوللېگىيەسى، سوتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ۋاقىتنى تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى جاكارلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 30 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى. جۇڭگو فۇتېباۋ پۇتبول كەسپى تەرەققىيات شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق باش دىرېكتورى دۇڭ جېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىمۇ شۇ كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى سۇڭزى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ