جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ ئۇچتى!

2024.01.30 13:59 مەنبە: خەلق تورى

  ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى داشياۋ شيې پېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 29- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىدىكى قىرغۇچى10 بەلگىلىك يەتتە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا مۇداپىئە ئىشلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ۋە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئۈچۈن غەربىي شىمالدىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىيادقا قاراپ ئۇچتى. بۇ مەزكۇر ماھارەت كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ 10-قېتىم دۆلەت دەرۋازىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، جۇڭگو «كۆك ئاسمان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى»نىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشى بولۇپ، مەيدان كۆچۈش جەريانىدا جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ماي توشۇغۇچى 20 بەلگىلىك ئايروپىلاننى ۋەزىپە ئەترىتىگە ھەمراھ بولۇپ، بوشلۇقتا ماي قاچىلاشقا ئەۋەتتى.

  «كۆك ئاسمان ھۆرمەت قاراۋۇللىرى»نىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشى، «1-ئاۋغۇست»نىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماھارەتلىرىگە تەقەززامىز.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ