ۋېب تېلىسكوپى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ قەدىمىي قارا ئۆڭكۈرنى كۆزەتتى

2024.01.22 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  ئەنگلىيە كامبرىج داشۆسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچىلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا كوللېكتىپ ئامېرىكىنىڭ جامېس ۋېب بوشلۇق تېلېسكوپىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم چوڭ پارتلىشىدىن تەخمىنەن 400 مىليون يىل كېيىنكى قارا ئۆڭكۈرنى كۆزەتكەن. ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ نەچچە مىليون ھەسسىسىگە يېتىدىكەن. بۇ، ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ قەدىمىي قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئالەم بارلىققا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە مۇشۇنداق غايەت زور ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھازىرقى قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيەسىگە خىرىس پەيدا قىلغان.

  ئاخباراتتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قارا ئۆڭكۈردىكى ئاساسىي يۇلتۇزلار سىستېمىسى GNz11 دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇ بىر زىچ يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، چوڭ كىچىكلىكى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ تەخمىنەن بىر پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ قەدىمىي قارا ئۆڭكۈر ئۆزىدىكى ئاساسىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى شىددەت بىلەن يۇتۇۋېتىپتۇ. ئەتراپتىكى ماددىلار قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتكەندە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى، يۇقىرى سۈرئەتتە سىرتقا پۈركۈلىدىكەن، بۇ خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك پۈركۈمە ئېقىم، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى گازلارنى تازىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئاساسىي يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىكەن. قارا ئۆڭكۈر ئەتراپتىكى گازلارنى يۇتۇش جەريانىدا يەنە قاينامسىمان سۈمۈرۈش تەخسىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن، ئاسترونوملار دەل قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدىكى يىغىلىش تەخسىسى چىقارغان كۈچلۈك نۇر ئارقىلىق قارا ئۆڭكۈرنى تەكشۈرىدىكەن.

  ئۆلچەملىك ئالەم مودېلىغا ئاساسلانغاندا، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ماسسىلىق قارا ئۆڭكۈر ئۆلگەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ قالدۇقلىرىدىن شەكىللەنگەن. بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار گۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ماسسىسى قۇياشنىڭ تەخمىنەن 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈرنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر مودېل كۆزلىگەن شەكىلدە ئاشسا، يېڭىدىن بايقالغان بۇ قەدىمىي قارا ئۆڭكۈر تەخمىنەن بىر مىليارد يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۆسۈپ ۋېب بوشلۇق تېلېسكوپى كۆزەتكەن كۆلەمگە يېتىدۇ. ھالبۇكى، كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، ئالەم پەيدا بولۇپ بىر مىليارد يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ قارا ئۆڭكۈر ئاللىقاچان مەۋجۇت بولۇپ بولغان.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يېڭى بايقالغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئۇ بەلكىم، باشقا ئۇسۇللار بىلەن شەكىللىنىشى مۇمكىن بۇ ئۇنى پەيدا بولغاندىلا چوڭ قىلىدۇ، ياكى ئۇنىڭ ماددىلارنى يۇتۇش سۈرئىتى ئىلگىرى پەرەز قىلىنغاندىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

  ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر ئەنگلىيەنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئىلمىي ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، كامبرىج داشۆسى كاۋېندىش تەجرىبە ئورنىنىڭ پىروفېسسورى روبېرتو مايولىنو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بايقاش ۋېب بوشلۇق تېلېسكوپىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىدىكى غايەت زور ھالقىشنىڭ پايدىسىدىن بولغان، بولۇپمۇ ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كۆزىتىش جەھەتتە، بۇ كەلگۈسىدە تېخىمۇ قەدىمىي قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆزىتىلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالاقىدار تەتقىقاتلار قارا ئۆڭكۈرنى شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بولغان ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە پايدىلىق.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ