مۇخبىرنىڭ جۇڭگو-ئۆزبېكىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرىدىكى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەر «ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدا بولۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپتىن 1300 دىن ئارتۇق ئادەم مۇنبەرگە قاتنىشىدىكەن.
جۇڭگو-ئۆزبېكىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى نەق مەيدانى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023- يىلىدىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 139 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%42.7 ئاشقان. بۇ قېتىمقى يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ