جاڭ شياۋپېينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى!

2024.01.19 10:37 مەنبە: خەلق تورى

  2024-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى خېزې شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شياۋپېينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.

  خېزې شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2004-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 2022-يىلى يازغىچە، جاۋابكار جاڭ شياۋپېي جىخۇا گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دىرېكتور، جىلىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، جىلىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، جىلىن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كەسىپنى ھۆددىگە ئېلىش، يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلاش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان پۇل-مال خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 69 مىليون 340 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاڭ شياۋپېينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار جاڭ شياۋپېي ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈش ئېلىپ باردى، ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، جاڭ شياۋپېي ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى سوتنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئېلان قىلدى، سوتنىڭ ھۆكۈمى باشقا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ