200 مۇتەخەسسىس، ئالىم شىنجاڭدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئورتاق مۇھاكىمە يۈرگۈزدى

2024.01.09 00:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە خەلق تورى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە توردا تارقىتىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىنجاڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن 200 گە يېقىن مۇتەخەسسىس، ئالىم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئاساسىي لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

  خەلق تورى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، نازارەتچىلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى تاڭ ۋېيخۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق تورى «توردىكى خەلق گېزىتى» بولۇش سۈپىتىدە مەركەز تاراتقۇلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلدى ۋە سىڭىپ كىردى. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مىللەتلەرگە چېتىلىدىغان تەشۋىقاتنىڭ تارقىتىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تارقىتىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-ھالقىسىدا، ۋەتەننى سۆيۈپ، چېگرانى قوغدىغان، 50 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن خەلق نەمۇنىچىسى بۇرماخان مولدۇ، ئامما تەرىپىدىن سەمىمىي ھالدا «ئاددىي ساخاۋەتچى» دەپ ئاتالغان مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئالىمجان خالىق، پۈتۈن تورنى تەسىرلەندۈرگەن «پارتىيە ئەزالىرى ئىزنىكىنى نامايان قىلغان تاغا» ئابدۇجاپپار مەڭدى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى، ئائىلىسىنى ۋەتەنگە بېغىشلىغانلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىغانلىقىدەك ھېكايىسىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار يەنە شىنجاڭ داشۆنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چوۋما 1-نومۇرلۇق مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ