مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ 28-دېكابىر ئېلان قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى شۈ زۇڭشياڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
شۈ زۇڭشياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شۈ زۇڭشياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1953-يىل 7-ئايدا تۇغۇلغان، گۇاڭدۇڭ ياڭجياڭدىن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1972-يىل 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 1983-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭشەن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۆيۈەن مۇدىرى، گۇاڭجوۋ تەنتەربىيە شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان. 2017-يىل 3-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ