جېڭجوۋدا جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاقسۆڭەكلەر قەبرىستانلىقى بايقالدى

2023.12.22 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىككى كۈنلۈك 2023-يىللىق خېنەن ئارخېئولوگىيە خىزمىتى نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى قەدىمىي پايتەخت لوياڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جېڭجوۋ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتى يىغىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: جېڭجوۋ شاڭدۇ خارابىسى بىلىم يۇرتى كوچىسى قەبرىستانلىقىدىن نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاقسۆڭەكلەر قەبرىستانلىقى بايقالدى، بۇ يىنشۈ خان قەبرىستانلىقىنىڭ شەرق-غەرب تەڭداش چاسا شەكىللىك قەبرە رايونىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بىۋاسىتە ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، قەبرە رايونىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە جۇڭگو خان قەبرىسى تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سۈرەتتە قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان برونزا قوراللار.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ