2023-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش تەپتىشى جاڭ بېنسەينىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ بېنسەيگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 4 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى؛ جاڭ بېنسەينىڭ پارا ئېلىش جىنايەت تاپاۋىتى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
قاراپ چىقىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، 2005-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ بېنسەي تەپتىش گېزىتى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى كىنو-تېلېۋىزىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەر ئېچىش، كارخانا تىجارىتى، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى باشقىلار ئارقىلىق قانۇنسىز قوبۇل قىلغان پۇل-مالنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 48 مىليون 320 مىڭ يۈەنگە يەتتى. شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جاڭ بېنسەينىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پارا ئېلىش سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ دەپ قارىدى. جاڭ بېنسەي دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، بارلىق زاڭ پۇل ۋە زاڭ مالنى قايتۇردى، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ