قار-مۇز دۇنياسى قۇرۇلۇشى قىزىماقتا

2023.12.19 22:28 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىشچىلار خاربىن قار-مۇز دۇنياسى باغچە رايونى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا (ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «قار-مۇزدا پەرۋاز قىلغان ئەجدىھا، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 25-نۆۋەتلىك خاربىن قار-مۇز دۇنياسى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالىدۇ. ھازىر باغچا رايونىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنارسىمان كران، موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار ئالدىراش قۇرۇلۇش «سىمفونىيەسى»نى ياڭراتماقتا. بۇ نۆۋەتلىك خاربىن قار-مۇز دۇنياسىدا 250 مىڭ كۇب مېتىر قار-مۇز ئىشلىتىلىپ، چۈشتەك گۈزەل قار-مۇز دۇنياسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ