مۆلچەر قىممىتى 17 مىليارد يۈەن!

ئىچكى موڭغۇلدىكى بىر جايدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كېنى بايقالدى

2023.12.15 14:29 مەنبە: خەلق تورى

  ئۇرات ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى تۇگۇرىگ ئالتۇن كېنىنى تەكشۈرگۈچى خادىملار يېقىندا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا چوڭ تىپتىكى ئالتۇن كېنىنى بايقىدى، مۆلچەرلەنگەن بايلىق مىقدارى 38 توننىغا يېتىدۇ، مۆلچەرلەنگەن يوشۇرۇن قىممىتى تەخمىنەن 17 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باياننۇر ئالتۇن كېنىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى تەكشۈرۈشتىكى يەنە بىر نەتىجە.

  تۇگۇرىگ ئالتۇن كېنى گەنچىماۋدۇ بازىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 57 تۆشۈك تېشىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى، بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى 27 مىڭ 141.10 مېتىر، چارلاش كۆلىمى 2.52 كىلومېتىر. بۇ قېتىمقى ئالتۇن كاننى تەكشۈرۈش قېزىلما بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش، قېزىش دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشنى گېئولوگىيەلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، كاننىڭ مۇلازىمەت يىل چېكىنى ئۇزارتىشنى بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئۇرات ئوتتۇرا خوشۇنىنىڭ قېزىلما بايلىقى تەۋەسىدە كۆمۈر، نېفىت، تۆمۈر، قوغۇشۇن-سىنك، سىلتىسىيلىق تاش، كرىستاللىق گرافىت، كىرىستاللىق گرافىت، گرانىت تاش ۋە ئالتۇن-كۈمۈش قاتارلىق 68 خىل قېزىلما بايلىق بار، كان مەھسۇلاتلىرى مول، بايلىق ھەممە يەرنى خۇددى كىمخابتەك قاپلىغان. بولۇپمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئالتۇن زاپىسى 143 توننا، كەلگۈسى زاپىسى 300 توننا، يىللىق ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 4.8 توننىغا يېقىن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئون كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر ھېسابلىنىدۇ؛ كرىستال گرافىتنىڭ مىنېرال زاپىسى 100 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، جىددىي ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ، قېزىلما بايلىقنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 400 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ