«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى»، سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى چاڭ گاۋسەي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. (سۈرەت مەنبەسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى)
«قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى»، سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى چاڭ گاۋسەي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
يېقىندا مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، سەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى»، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت گۇماندارى چاڭ گاۋسەي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
چاڭ گاۋسەي، ئەر، 1957-يىل 1-ئايدا تۇغۇلغان. سەنشى ئۆلكىلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىلىپ، 2019-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 2019 -يىل 9-ئايدا سەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. 2022-يىل 4-ئايدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. دېلو بېجىرگۈچى ئورگان دېلوغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى قانۇن بويىچە پېچەتلىدى، تۇتۇپ قالدى ۋە توڭلىتىپ قويدى.
مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاڭ گاۋسەينىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تور ھەرىكىتى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. چەت ئەل قانۇن سىرتىدا ئەمەس، چەت ئەل قېچىشنىڭ مەڭگۈ چىقىش يولى يوق. بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاچقانلارنى جەزمەن قوغلاش، ئاخىرغىچە قوغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن خادىملارنى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىپ، بالدۇرراق ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ