مۇخبىرنىڭ 13-دېكابىر نىڭشيا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، نىڭشيالىق ياش شياۋ چېن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىپ، قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا «ھاياتلىق سوۋغىسى» تەقدىم قىلغان. ئۇ جۇڭگو قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرىدىكى 16 مىڭ 568-، نىڭشيادىكى 117-، شۇنداقلا نىڭشيادىكى تۇنجى «2000-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچى پىدائىي.
بۇ يىل 7-ئايدا دۆلەت ئىچىدىكى قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار بىلەن شياۋچېننىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىسىنىڭ يۇقىرى پەرقلەندۈرۈش تىپى ماس كەلدى. نىڭشيا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى مۇلازىمەت مەركىزى شياۋ چېن بىلەن ئالاقىلىشىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەقدىم قىلىشقا ماسلىشىدىغان-ماسلاشمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، شياۋ چېن تەقدىم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «<2000- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان>لاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن گەرچە بىمارلار بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.» شياۋچېننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شياۋچېننىڭ دادىسى: «بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى، بىر ئائىلىگە ياردەم قىلغىلى بولسا، مېنىڭچە بۇ ياخشى ئىش» دېدى.
بۇ يىل 12-ئايدا، شياۋ چېن قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا تەقدىم قىلىشنى تاماملىدى، بىمارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ئۇنىڭغا بىر پارچە رەھمەت خېتى ئەۋەتتى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىدى: «بىز ئەڭ ياردەمسىز قالغاندا، ئائىلىمىزگە ئەڭ چوڭ ئۈمىد ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. مەن جۇڭگو قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلدىم، سىزگە ئوخشاش بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى يەتكۈزىمەن.»
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ