12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ليۇياڭ شەھەرلىك قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىق-تەربىيە ئەمەلىيەت بازىسىدا، خەلق ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چۈشەندۈردى.
شۇ كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى ليۇياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ليۇياڭ شەھەرلىك قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىق-تەربىيە ئەمەلىيەت بازىسىغا بېرىپ، VR كىچىك ئاپتوموبىلىدا بىخەتەر تەقلىدىي ھەيدەش سىستېمىسىنى ھېس قىلىش، ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئىبرەت تەربىيە فىلىمىنى كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، قاتناش قانۇنىغا رىئايە قىلىش ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ