مۇخبىرنىڭ 6-چېسلا خۇبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا، خۇبېي ساقچى تەرەپ چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش دېلوسىغا قارىتا خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغان، نۆۋەتتە دېلوغا چېتىشلىق 19 جىنايەت گۇماندارى ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ چېگرا ھالقىغان توردا قىمار ئويناش گۇرۇھى ئۇزۇن مەزگىل چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ، تورنى ھۆددىگە ئېلىش، ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن قىمار ئويناش سۇپىلىرىنى باشقۇرۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى توردا قىمار ئويناشقا جەلپ قىلغان. ج خ ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش، سىياسەت ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش، چېگرا سىرتىدا بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ تەھدىت سېلىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلىرى ئاستىدا، بۇ گۇرۇھنىڭ نۇرغۇن غوللۇق كاتتىباشلىرى ۋە تېخنىكلىرى ئاخىرى قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.
بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكىلەر ماسلىشىپ، ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى كۆپ قېتىم شۇ جايدىكى ساقچىلار بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بىرلىشىپ زەربە بېرىش، خادىملارنى قايتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا كېڭىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشكە ياخشى ئاساس سالدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ