فۇجيەن پاراخوتىدىن ئەڭ يېڭى خەۋەر! دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلدى

2023.12.01 14:30 مەنبە: خەلق تورى

11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن داشياۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا ئۆزىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئېتىلما سىستېمىسىغا قارىتا «ستاتىك يۈكلۈك» قويۇپ بېرىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان دېڭىز سىنىقىغا تەييارلىق قىلغان، باياناتچىنىڭ بىزگە يەتكۈزىدىغان خۇش خەۋىرى بارمۇ؟

ۋۇ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا ھازىر باغلاپ توختىتىش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، كېيىن پىلان بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ