جۇڭگو ۋەكىلى: ئوتتۇرا شەرق رايونى يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك

2023.11.23 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى سۇڭ 22-چېسلا ئۆمەك باشلاپ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ 11-ئايلىق كېڭىشىگە قاتنىشىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئىسرائىلىيە يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  11-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لى سۇڭ ئۆمەك باشلاپ ۋېيېنادا ئېچىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتىنىڭ 11-ئايلىق كېڭىشىگە قاتنىشىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى يوللىغان. جۇڭگونىڭ ۋېيېنادا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى تەمىنلىگەن سۈرەت.

  لى سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەززە رايونىدىكى توقۇنۇش بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولۇپ، جۇڭگو ئىزچىل تۈردە يارىشىشقا دەۋەت قىلىپ ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال نەسىھەت قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن پائال تەمىنلەپ، ئۇرۇش ئوتىنى توختىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. ئالدىنقى ھەپتە، جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2712-نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللىدى. بۇ ھەپتە ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىرلەشمە ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. 22-چېسلا، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە كۆرۈنمە چاستوتىلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش يولىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، غەززە خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، غەززە خەلقىنى كوللېكتىپ جازالاشنى توختىتىش كېرەك؛ خەلقئارا جەمئىيەت ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. پەلەستىن مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنمىسا، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاققا سوزۇلغان تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بولمايدۇ. جۇڭگو تېزدىن تېخىمۇ نوپۇزلۇق خەلقئارا سۈلھى يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ