11-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو-ئاۋسترالىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىزدا ئۇچرىشىش ۋەقەسىنى كۆپتۈرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئىشخانىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھەربىي پاراخوتىنىڭ «ياپونىيەنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدىكى خەلقارا دېڭىز تەۋەلىكىدە» ئاۋسترالىيە ھەربىي پاراخوتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا «بىخەتەر ۋە كەسپىي بولماي»، ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ غەۋۋاسلىرىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟
ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ سۆزى ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.
يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ «تۇۋىمبا» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى جۇڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلغان، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ «نىڭبو» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى قانۇن بەلگىلىمە بويىچە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، پەرقلەندۈرۈپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. بۇ مەزگىلدە، جۇڭگو ھەربىي پاراخوتلىرى «دېڭىزدا تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش قائىدىسى»، «خەلقئارا دېڭىزدا سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش قائىدىسى» قاتارلىق خەلقئارا قائىدىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلىغان، شۇنداقلا ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ غەۋۋاسلىق مەشغۇلاتىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھېچقانداق پائالىيەت ئېلىپ بارمىغان.
جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئالاقىدار دېڭىز تەۋەلىكىدە چېگرا ئايرىلمىغان، جۇڭگو تەرەپ ھەربىي پائالىيىتى ياپونىيەنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىغا جايلاشقان ياكى بۇ رايونغا كىرىدۇ، دېگەن قاراش مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئاۋىسترالىيەنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگونى قاراملىق بىلەن، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلەشنى توختىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ كەيپىيات يارىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ