ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سەنشى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋەقەسىنى بېجىرىشكە ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلدى.
16-چېسلا، سەنشى ئۆلكىسى لۈلياڭ شەھىرى لىشى رايونى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنى بىرلەشمە قۇرۇلۇش بىناسىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 34 ئادەم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى، تۆت ئادەم ئامبۇلاتورىيەدە قالدۇرۇلۇپ كۆزىتىلدى. ھازىر لۈلياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى لىشى شۆبە ئىدارىسى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، ھازىر بۇ دېلو تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. سەنشى ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگىنى تەكلىپكە بىنائەن بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، سەنشى يۇڭجۈ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى دېلوسىغا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سەنشى ئۆلكىلىك تەپتىش ئورگانلىرىدىن تەپتىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ج خ ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئېنىقلاپ، دېلونىڭ دەلىل-ئىسپات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئالاقىدار جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە تۈرتكە بولدى.
تەپتىش ئورگانلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «8ـ نومۇرلۇق تەپتىش تەكلىپى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكلىرىدىن باشلاپ تۇتۇپ، تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ