بۇ جاي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: سۈرۈك ئىچىدە ۋەتەنگە قايتىڭ!

2023.11.20 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يىڭدې شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 17-كۈنى يىڭدې شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەنگلىيە، گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكى چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ قالغان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق نۇقتىلىق خادىملارنى سۈرۈك ئىچىدە ۋەتەنگە قايتىشقا دەۋەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 40 نەپەر نۇقتىلىق خادىمنى 2023-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ۋەتەنگە قايتىشقا دەۋەت قىلغان.

  ۋەتەنگە قايتىشتىن يەتتە كۈن بۇرۇن تېلېفون ئارقىلىق نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە مۇنتىزىم يول ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىشى، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئالدىن مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغان ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەتەنگە قايتقانلارغا قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، زىيىنى چوڭ بولمىغانلارغا ئەھۋالغا قاراپ جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەنىلا خاتالىقى ئۈستىدە پۇشايمان قىلمىغان، ھوشىنى تاپمىغان، سىياسەت تەشۋىقاتىنى كۆزگە ئىلماي، ۋەتەنگە قايتىشنى كەينىگە سۈرگەن ياكى رەت قىلغان ئالدامچىلىققا چېتىشلىق نۇقتىلىق خادىملارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار بويىچە قاتتىق ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ