خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن فىلورى قورۇقىدا جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلىرى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بالى ئارىلى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ «كومپاسى» ۋە «مۇقىملاشتۇرغۇچىسى»، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەرساھەسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىغا زور ئۈمىد باغلىدى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەمىشە ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئالاقە قىلمىسا بولمايدۇ، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، توقۇنۇش، قارشىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتى بۇ دەۋرنىڭ ئاساسى تېمىسى ئەمەس، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. يەر شارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى سىغدۇرالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بىر-بىرىگە نىسبەتەن پۇرسەت. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرسىلا ئىختىلاپتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ بىللە تۇرۇشىدىكى توغرا يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ