جۇڭگو خەلق بانكىسى 2023-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 2024-يىللىق جۇڭگو جياچېن (ئەجدىھا) يىلىلىق قىممەتلىك مېتال خاتىرە پۇلىدىن بىر يۈرۈش تارقىتىشنى بېكىتتى. بۇ بىر يۈرۈش قىممەتلىك مېتال خاتىرە پۇل جەمئىي 12 دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن خاتىرە پۇل يەتتە دانە، كۈمۈش خاتىرە پۇل تۆت دانە، پلاتىنا خاتىرە پۇل بىر دانە بولۇپ، ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق پۇلى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ بىر يۈرۈش قىممەتلىك مېتال خاتىرە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قۇت بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ھەمدە دۆلەت نامى، يىل نامى بېسىلغان.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ