ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى

2023.11.13 00:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  (2022 - يىل 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قاراپ چىقىپ تەستىقلاندى، 2022 - يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېلان قىلدى)

  1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 - ماددا بۇ نىزام پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋر ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 - ماددا بۇ نىزام ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى، مەمۇرىي ئورگانلار، سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، سوت ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى شۇنىڭدەك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تەتبىقلىنىدۇ.

  3 - ماددا ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىشىدىكى مۇھىم خىزمەت، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى، خادىملىرىنىڭ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىشىدىكى مۇھىم يول.

  4 - ماددا ئەرزىيەت خىزمىتىدە ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، گەۋدىلىك ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  5 - ماددا ئەرزىيەت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك:

  (1) پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

  (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش.

  (3) ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، كىم ئاساسلىق باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش.

  (4) مەسىلىنى قانۇن، سىياسەت بويىچە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئەرزىيەتنى قانۇنچىللىق ئىزىغا سېلىپ، قانۇن بويىچە ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەرزىيەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش.

  (5) زىددىيەتنى مەنبەدىن تۈزەش، تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇش. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر كۆرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە باشتىلا تۈگىتىشكە قويۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدىلا، بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىش.

  6 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت ئىشىنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەكلىپى، پىكرى ۋە تەلىپىگە قۇلاق سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  2 - باب ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمىسى

  7 - ماددا پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ماسلاشتۇرىدىغان، ئەرزىيەت تارمىقى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ئەرزىيەت خىزمىتى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  8 - ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ:

  (1) سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ۋە سىياسىي پىرىنسىپىنى بېكىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىدۇ؛

  (2) ئەرزىيەت خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن - سىياسەتلەرنى تۈزىدۇ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛

  (3) پارتىيەگە سادىق، ئىشەنچلىك، خەلقنى كۆزلەش مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرىدىغان، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئەرزىيەت خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  9 - ماددا يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئۆز رايونىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  يەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئەرزىيەت خىزمىتى دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  10 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شۇنىڭدەك شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرنى ئىلمىي، دېموكراتىك بەلگىلەپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى تەشكىللەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر ئېنىقلاش، تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت ئىشىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك، توپ خاراكتېرلىك گەۋدىلىك ئەرزىيەت مەسىلىلىرى ۋە چىگىش، مۇرەككەپ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.

  11 - ماددا مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانمىغا ئىگە قىلىش؛

  (2) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛

  (3) ئەرزىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئەرزىيەتنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا دائىر چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ۋە ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش؛

  (4) نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇمىيلىققا ئىگە گەۋدىلىك ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش؛

  (5) ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، سىناش قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛

  (6) يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

  (7) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېجىرىشكە تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىش.

  مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى چاقىرىدۇ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ. مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسى دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىدە تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ بىرلەشمە يىغىننىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بىرلەشمە يىغىن كېڭىشىپ بېكىتكەن ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەكشۈرىدۇ.

  12 - ماددا مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئومۇمىي يىغىن ياكى خىزمەت يىغىنى ئاچىدۇ. ئەرزىيەت خىزمىتى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىن ۋاقتىدا يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  مەركەز ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار بىرلەشمە يىغىندا بېكىتىلگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ۋە كېڭىشىپ بېكىتىلگەن ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا يوللىشى؛ شۇ ساھەدىكى چوڭ - چوڭ، سەزگۈر ئەرزىيەت مەسىلىسىنى بىرلەشمە يىغىننىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك.

  13 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنلىرى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، شۇ رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، شۇ رايوندا يۈزبەرگەن مۇھىم ئەرزىيەت مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىرلەشمە يىغىننىڭ چاقىرغۇچىلىقىنى ئومۇمەن پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەرزىيەت خىزمىتى ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، ئەزا ئورۇنلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، قائىدە - تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، چوڭ - چوڭ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلەشمە يىغىن خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېزىلىق، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، كوچا پارتىيە خىزمەت كومىتېتى ۋە ئىش باشقارمىسى ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىنى بەرپا قىلسا ياكى پارتىيە - ھۆكۈمەت بىرلەشمە يىغىنىنىڭ شۇ رايوننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى قەرەللىك مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقى، شۇ رايوندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرسا بولىدۇ.

  14 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىغان مەخسۇس ئاپپارات، ئۇ تۆۋەندىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ:

  (1) ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلىش، ئەۋەتىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش؛

  (2) مۇھىم ئەرزىيەت مەسىلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش؛

  (3) مۇھىم ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇنى تەكشۈرۈش؛

  (4) ئەرزىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىپ، ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنى تەدبىر بەلگىلەش پايدىلانمىسىغا ئىگە قىلىش؛

  (5) شۇ دەرىجىلىك باشقا ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛

  (6) خىزمەتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛

  (7) شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بېجىرىشكە تاپشۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىش.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىدىن باشقا ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت خىزمىتى ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپارات ياكى خادىملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىپ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

  15 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەردىن باشقا ئورگانلار، ئورۇنلار ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت ئىشىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ بېجىرىشى، سىياسەت خاراكتېرلىك، توپ خاراكتېرلىك ئەرزىيەت مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلات، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ۋە «ئىككى ۋەكىل، بىر ئەزا»نىڭ، ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، ئاممىنى ئەرز تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئاقىلانە يوسۇندا ئىنكاس قىلىشقا، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنىڭ ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك تۈگىتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يېزىلىق، بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، كوچا پارتىيە خىزمەت كومىتېتى ۋە ئىش باشقارمىسى شۇنىڭدەك كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»ى فۇنكسىيەلىك رولىنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدا يۈز بەرگەن ئەرزىيەت ئىشى ۋە زىددىيەت - ماجىرالارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۈگىتىپ، تىرىشىپ كىچىك ئىشنى كەنتتىلا، چوڭ ئىشنى بازاردىلا ھەل قىلىشى، زىددىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ قويماسلىقى كېرەك.

  16 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەرزىيەت تارمىقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىگە مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاپ، قابىللارنى قويۇپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت كۈچىنى سەپلەپ، ئەرزىيەتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەخسۇس خادىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىقىنى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ”بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى“ قوشۇمچە ئۆتۈشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنلىرى) ئەرزىيەت خىزمىتىنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى قىلىپ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ياش كادىرلارنى ۋە يېڭى قوبۇل قىلىنغان كادىرلارنى ئەرزىيەت خىزمىتى ئىش ئورنىدا چېنىقتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەرزىيەت خىزمىتىنى زۆرۈر مەدەت ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  3 - باب ئەرزىيەت ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە قوبۇل قىلىش

  17 - ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۇچۇر تورى، خەت - چەك، تېلېفون، فاكس، ئۆزى بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلسا، تەكلىپ، پىكىر بەرسە ياكى ئەرز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، ئورۇنلار بەلگىلىمە، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن شەكىلنى قوللىنىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلغان، تەكلىپ، پىكىر بەرگەن ياكى ئەرز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەرزىيەتچى دېيىلىدۇ.

  18 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار تور ئەرزىيەت يولى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى، مەسلىھەت سوراش - ئەرز قىلىش تېلېفونى، ئەرزىيەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ۋە ئورنى، ئەرزىيەت ئىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى شۇنىڭدەك نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش سورۇنى ياكى تور بېكىتىدە پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىچكى نىزامىنى ۋە قانۇن، نىزام، قائىدىلەرنى، ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى شۇنىڭدەك ئەرزىيەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلار ئاممىدىن كەلگەن خەت - چەكلەرنى ۋە توردىكى ئەرزىيەتلەرنى كۆرۈپ بېجىرىشى، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قەرەللىك قوبۇل قىلىشى، قەرەللىك تۆۋەنگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھۆددە ئېلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى بىرلىشىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، ئورۇنلارنى بىرلىشىپ قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بىر جايدا ھەل قىلىشى كېرەك.

  ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئەرزىيەتچىلەردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  19 - ماددا ئەرزىيەتچى ئومۇمەن ئەرزىيەت ئىشىنى يازما ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە ئىسىم - فامىلىسى (نامى)، ئادرېسى ۋە تەلىپى، پاكىتى، سەۋەبىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك. ئاغزاكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەرزىيەت ئىشىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچى ئوتتۇرىغا قويغان ئەرزىيەت ئىشى ئوبيېكتىپ، چىن بولۇشى، ئۆزى تەمىنلىگەن ماتېرىيال مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا، بۇرمىلاشقا يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارغا قارا چاپلاشقا، زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  ئەرزىيەتچى ئەرزىيەت ئىشى قوبۇل قىلىنغان ياكى بېجىرىلىۋاتقان ئەھۋالدا، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قوبۇل قىلغان، بېجىرگەن ئورگان، ئورۇننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، ئورنىغا شۇ ئىش توغرىسىدا يەنە ئەرز سۇنسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇن قوبۇل قىلمايدۇ.

  20 - ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن ئۆزى بېرىپ ئەرز قىلىدىغانلىرى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق شۇ دەرىجىلىك ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان، ئورۇن تەسىس قىلغان ياكى بېكىتكەن قوبۇل قىلىش سورۇنىغا بېرىپ ئەرز قىلىشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچىلەردىن دەۋا ھوقۇقى قۇتقۇزۇشىغا دائىر ئىشلار ھەققىدە ئۆزى بېرىپ ئەرز قىلىدىغانلىرى قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، مۇناسىۋەتلىك سىياسىي - قانۇن تارمىقىغا ئەرز قىلىشى كېرەك.

  كۆپ ئادەم بېرىپ بىر ئىش ئۈستىدە ئەرز قىلماقچى بولسا، ۋەكىل كۆرسىتىشى كېرەك، ۋەكىلنىڭ 5 كىشىدىن ئېشىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، مەسىلىنى شۇ جايدا ھەل قىلىشى، ئەرزىيەتچىلەرنى مەسىلىنى ئۆز جايىدىلا ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش - راۋانلاشتۇرۇش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى بەلگىلىمە، قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت ئىشىنى ئەرزىيەت ئۇچۇر سىستېمىسىغا ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، توردا ھال ئېيتىش، خەت - چەكتە ھال ئېيتىش، بېرىپ ھال ئېيتىش، تېلېفوندا ھال ئېيتىش ئەھۋالىنى تورغا چىقىرىپ، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە، ئۇنىڭغا باھا بېرىشىگە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

  22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى تاپشۇرۇۋالغان ئەرزىيەت ئىشىنى تىزىملىشى ھەمدە ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، 15 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

  (1) خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە، شۇ دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇن ياكى ئۇنىڭ خىزمەت تارمىقى بىر تەرەپ قىلىپ قارار قىلىدىغانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇنغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك؛ ئەھۋال ئېغىر، جىددىي بولسا، ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىپ، شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

  (2) تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇن ياكى ئۇنىڭ خادىملىرىغا چېتىلىدىغانلىرىنى «تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، كىم ئاساسلىق باشقۇرسا شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇنغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

  (3) ئەۋەتىلگەن ئەرزىيەت ئىشىدىكى مۇھىم ئەھۋالنىڭ بېجىرىلىش نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىشقا توغرا كەلسە، بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن بېجىرىش مۆھلىتى ئىچىدە نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىشنى، بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى تاپشۇرۇۋالغان قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق خەت - چەكلەرنى تەڭ دەرىجىلىك سىياسىي - قانۇن تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئەۋەتىپ بېرىشى؛ دەۋاغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئۆزى بېرىپ ئىنكاس قىلغان ئەرزىيەتچىلەرگە قانۇننى، قائىدىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك سىياسىي - قانۇن تارمىقىغا مەسىلە ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگىنى قوبۇل قىلىدىغان پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش تۈرىدىكى ئەرزىيەت ئىشىنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئەۋەتىپ بېرىشى كېرەك.

  23 - ماددا پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىدىن باشقا ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەتچى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغان ئەرزىيەت ئىشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا تىزىملىشى كېرەك؛ شۇ ئورگان، ئورۇننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولسا، قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، بىر تەرەپ قىلىش يولى ۋە تەرتىپىنى ئەرزىيەتچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئۆز سىستېمىسىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە ئەۋەتىشى، تاپشۇرۇشى ھەمدە قەيەرگە ئەۋەتىلگەنلىكى، تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئەرزىيەتچىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ شۇ ئورگان، ئورۇن ياكى شۇ سىستېمىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولمىسا، ئەرزىيەتچىگە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇنغا بېرىپ ئېيتىشىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويغان ئەرزىيەت ئىشىدىن مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن نەق مەيداندا ئۇقتۇرالايدىغانلىرىنى نەق مەيداندا يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ نەق مەيداندا ئۇقتۇرغىلى بولمىسا، ئەرزىيەتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئەرزىيەتچىگە يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك، لېكىن ئەرزىيەتچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى (نامى)، ئادرېسى ئېنىق بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى ياكى ئۆز سىستېمىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇن بېجىرىشكە ئەۋەتكەن، تاپشۇرغان ئەرزىيەت ئىشى شۇ ئورگان، ئورۇننىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە قوبۇل قىلىش ئەھۋالى، بىر تەرەپ قىلىش يولى ۋە تەرتىپىنى ئەرزىيەتچىگە يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ شۇ ئورگان، ئورۇن ياكى شۇ سىستېمىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە تەۋە بولمىسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى، بېجىرىشكە ئەۋەتكەن، تاپشۇرغان ئەرزىيەت تارمىقى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان، ئورۇن تەكشۈرۈپ قوشۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

  سىياسىي - قانۇن تارماقلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقى قۇتقۇزۇشىغا دائىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىنغان، شىكايەت قىلىنغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  24 - ماددا ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئورگان، ئورۇنغا چېتىشلىق ئەرزىيەت ئىشىنى چېتىشلىق ئورگان، ئورۇنلار كېڭىشىپ قوبۇل قىلىدۇ؛ قوبۇل قىلىشتا تالاش - تارتىش بولسا، قوبۇل قىلغۇچى ئورگاننى شۇلارغا ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان، ئورۇن قارار قىلىدۇ؛ قوبۇل قىلىشتا تالاش - تارتىش بولسا، يەنە كېلىپ ئورتاق بولغان بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگان، ئورۇن بولمىسا، ئورتاق ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگان، ئورۇن ئايرىۋېتىلگەن، قوشۇۋېتىلگەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئورگان، ئورۇن قوبۇل قىلىدۇ؛ خىزمەت مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولمىسا، شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ياكى ئۇ بەلگىلىگەن ئورگان، ئورۇن قوبۇل قىلىدۇ.

  25 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان زور، جىددىي ئەرزىيەت ئىشى ۋە ئەرزىيەت ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماق ۋە شۇ دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئىشخانىسىنى خەۋەرلەندۈرۈشى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ناچار تەسىر كېلىپ چىقىشنىڭ، كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى زور، جىددىي ئەرزىيەت ئىشى، ئەرزىيەت ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بىر دەرىجە يۇقىرى ئەرزىيەت تارمىقىغا دوكلات قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  26 - ماددا ئەرزىيەتچى ئەرز ئېيتىش جەريانىدا قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپى ۋە ئەرزىيەت تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغدىشى، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك:

  (1) ئورگان، ئورۇننىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ئەتراپىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا قانۇنسىز يىغىلىش، ئورگان، ئورۇننى قورشىۋېلىش، ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى توسۇۋېلىش ياكى قاتناشنى توسۇپ قويۇش، ئۈزۈپ قويۇش؛

  (2) خەتەرلىك بۇيۇملارنى، تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋابلارنى ئېلىپ يۈرۈش؛

  (3) ئورگان، ئورۇن خادىملىرىنى ھاقارەتلەش، ئۇرۇش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش، باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ياكى مال - مۈلكىنى نابۇت قىلىش؛

  (4) ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش سورۇنىدا تۇرۇۋېلىش، جېدەل قىلىش ياكى تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان كىشىلەرنى ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش سورۇنىغا تاشلاپ قويۇش؛

  (5) قۇترىتىش، ئالاقە باغلاش، تەھدىت سېلىش، پۇل - مال بىلەن ئازدۇرۇش، پەردە ئارقىسىدا كونترول قىلىش يولى بىلەن باشقىلارنى ئەرز قىلدۇرۇش ياكى ئەرزىيەت نامى بىلەن پۇل - مال ئۈندۈرۈۋېلىش؛

  (6) ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى خەۋپسىزلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

  4 - باب ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىش

  27 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەرز تەلىپى يوللۇق بولسا، مەسىلىنى جايىدا ھەل قىلىش، ئەرز تەلىپى يوللۇق بولمىسا، جايىدا ئىدىيەۋى تەربىيە بېرىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بولسا، جايىدا يار - يۆلەك بولۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ بولسا، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەلىپىگە بىنائەن، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق، يوللۇق ئەرز تەلىپىنى قانۇن - سىياسەت بويىچە ۋاقتىدا، ئۆز جايىدىلا ھەل قىلىپ، نورمال ئەرزىيەت تەرتىپىنى قوغدىشى كېرەك.

  28 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىشتە، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىشى، پاكىتنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىشى، تەربىيە ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى، ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بىر - بىرىگە ئىتتىرىشكە، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە، كەينىگە سۆرەشكە يول قويۇلمايدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار دەۋا بىلەن ئەرزىيەتنى ئايرىش تۈزۈمىدىكى تەلەپ بويىچە، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي ئىشلار، جىنايى ئىشلار قاتارلىق دەۋا ھوقۇقى قۇتقۇزۇشىغا دائىر ئەرزىيەت ئىشىنى ئادەتتىكى ئەرزىيەت تۈزۈلمىسىدىن ئايرىپ چىقىشى كېرەك، ئۇنى مۇناسىۋەتلىك سىياسىي - قانۇن تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن ئەرزىيەت ئىشى ياكى ئەرزىيەتچى بىلەن بىۋاسىتە پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

  29 - ماددا ئەرزىيەتچى ئىنكاس قىلغان ئەھۋالنى، بەرگەن تەكلىپ - پىكىر تۈرىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ دەلىللىشى كېرەك. ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغانلىرى، ئەمەلىي مۇمكىنلىكى بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى ياكى قىسمەن قوبۇل قىلىشى ھەمدە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچىلەردىن ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، تەكلىپ - پىكىر بېرىپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياكى خىزمەتلەرنى ياخشىلاشقا شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى مەنپەئىتىنى قوغداشقا تۆھپە قوشقانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلاش كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ تەكلىپلىرىنى توپلاش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەردە ئاممىنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاڭلىشى كېرەك.

  30 - ماددا ئەرزىيەتچى ئوتتۇرىغا قويغان پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش تۈرىدىكى ئىشلارنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە ئورگىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇن بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە تاپشۇرۇۋېلىشى، قوبۇل قىلىشى، بېجىرىشى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

  پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى كادىر باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، تەشكىلات (كادىرلار) تارمىقىغا كادىرلار مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان ئەرزىيەت ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ئېغىر ئەھۋالنى پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشقا ۋە تەشكىلات (كادىرلار) خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشقا يوللىشى كېرەك. تەشكىلات (كادىرلار) تارمىقى كادىر ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش، نازارەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچى پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان ماتېرىيالنى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان كىشىگە ياكى ئورۇنغا ئاشكارىلاپ قويۇشقا ياكى بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  31 - ماددا ئەرزىيەتچى ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تۈرىدىكى ئەرز ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇن ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بېجىرىشى كېرەك:

  (1) سوت ئورگىنىنىڭ دەۋا تەرتىپى ياكى قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپى، تەپتىش ئورگىنىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو ئېچىش تەرتىپى ياكى قانۇن نازارەتچىلىكى تەرتىپى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قانۇن تەرتىپى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت ئىشىدىن قانۇن بويىچە ئاياغلاشتۇرۇلمىغانلىرىنى قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش.

  (2) كېسىم ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى مۇناسىپ تەرتىپكە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  (3) پارتىيە ئەزالىرى ئەرز قىلىش، قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى مۇناسىپ تەرتىپكە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  (4) مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، مەمۇرىي كېسىم چىقىرىش، مەمۇرىي جەزملەشتۈرۈش، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش، مەمۇرىي جازا بېرىش قاتارلىق مەمۇرىي تەرتىپلەر ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى مۇناسىپ تەرتىپكە كىرگۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  (5) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، جىسمانىي ھوقۇقنى ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەۋە بولسا، قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ياكى جاۋاب بېرىش.

  (6) يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا تەۋە بولمىسا، ئەرزىيەتچىنىڭ پاكىت ھەققىدىكى بايانىنى ۋە سەۋەبىنى ئاڭلاش ھەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، ئەرزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرنامىسى چىقىرىش كېرەك. زور، مۇرەككەپ، چىگىش ئەرزىيەت ئىشىدا ئىسپات ئاڭلاشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  32 - ماددا ئەرزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش پىكىرنامىسىگە ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرز تەلىپى، پاكىتى ۋە سەۋەبى، بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە قانۇن - نىزام ئاساسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك:

  (1) تەلەپنىڭ پاكىتى ئېنىق بولسا، تەلەپ قانۇن، نىزام، قائىدە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولسا، قوللاش كېرەك؛

  (2) تەلەپنىڭ سەۋەبى يوللۇق بولسىمۇ قانۇن ئاساسى كەمچىل بولسا، ئىزاھات، چۈشەنچە بېرىش كېرەك؛

  (3) تەلەپنىڭ پاكىت ئاساسى كەمچىل بولسا ياكى تەلەپ قانۇن، نىزام، قائىدە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قوللىماسلىق كېرەك.

  بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇن ئەرزىيەت تەلىپىنى قوللاش پىكرىنى چىقارغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇننىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ قوللىمىغان بولسا، ئەرزىيەتچىنى يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  33 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ھەل قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش تۈرىدىكى ئەرز ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، سىياسەت، نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا، كېسىم قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە، تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ؛ تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشىۋېلىشقا يېتەكلىسە بولىدۇ. مۇرەسسە قىلىش، كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق بىردەك پىكىرگە كەلگەن بولسا، مۇرەسسە كېلىشىمى ياكى كېلىشىۋېلىش كېلىشىمى تەييارلاش كېرەك.

  34 - ماددا بۇ نىزامنىڭ 31 - ماددىسىنىڭ (6) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش كېرەك؛ ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، شۇ ئورگان، ئورۇن مەسئۇلىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق بېجىرىش مۆھلىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ئەرزىيەتچىگە مۆھلەتنى ئۇزارتىش سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

  35 - ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن ئەرزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە قايىل بولمىغانلىرى يازما جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىي بېجىرگەن ئورگان، ئورۇننىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگىنى، ئورنىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان، ئورۇن قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

  36 - ماددا ئەرزىيەتچى قايتا تەكشۈرۈش پىكرىگە قايىل بولمىسا، يازما جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرگەن ئورگان، ئورۇننىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگىنى، ئورنىغا قايتا ئېنىقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا ئېنىقلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان، ئورۇن قايتا ئېنىقلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قايتا ئېنىقلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  قايتا ئېنىقلىغان ئورگان، ئورۇن مۇشۇ نىزامنىڭ 31 - ماددىسىنىڭ (6) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىسپات ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرسا، ئىسپات ئاڭلاشتىن ئۆتكەن قايتا ئېنىقلاش پىكرىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئىسپات ئاڭلاشقا كېتىدىغان ۋاقىت ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەتكە ھېسابلانمايدۇ.

  ئەرزىيەتچى قايتا ئېنىقلاش پىكرىگە قايىل بولماي، يەنىلا ئوخشاش بىر پاكىت ۋە سەۋەب بىلەن ئەرز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى ۋە باشقا ئورگان، ئورۇن قايتا قوبۇل قىلمايدۇ.

  37 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، تۈگىتىشتە، خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇرەسسەسىنى ھەمتۈرتكە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ۋاسىتىسى، سىياسەت ۋاسىتىسى، ئىقتىسادىي ۋاسىتە، مەمۇرىي ۋاسىتە قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ۋە تەربىيە بېرىش، كېڭىشىش، يېتەكلەش قاتارلىق چارىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ تۈگىتىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرگەندە، تۇرمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار ئەرزىيەتچىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى ئاپپاراتتىن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويسا ياكى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش قۇتقۇزۇشى - ياردىمى بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي - قانۇن تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش قۇتقۇزۇشى - ياردىمى بېرىشى كېرەك.

  يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ئەرزىيەت ئىشى قايتا تەكشۈرۈلگەن، قايتا ئېنىقلانغان ۋە قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت ئىشى قانۇن بويىچە ئاياغلاشتۇرۇلغان مۇناسىۋەتلىك ئەرزىيەتچىلەرگە يېتەكلەش - تەربىيە بېرىش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، يار - يۆلەك بولۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  5 - باب نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش

  38 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى مۇناسىۋەتلىك جايلار ۋە تارماقلارغا قايتما ئىنكاس قىلىشى، مۇھىم مەسىلىلەرنى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش تارماقلىرى چىگىش، مۇرەككەپ ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  39 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بەلگىلىمە، قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، شۇ جايدىلا ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتى ئەھۋالىنى ھەر يىلى سىنىشى كېرەك. سىناش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال سىناش - باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلانما قىلىشى كېرەك.

  ئەرزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان ۋە تۆھپە قوشقان ئورگان، ئورۇن ياكى شەخسلەرنى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەشكە ۋە مۇكاپاتلاشقا بولىدۇ.

  ئەرزىيەت خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ئادا قىلمىغان، ئېغىر مەسىلە ساقلانغان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى چاقىرتىپ سۆزلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

  40 - ماددا پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇندا ئەرزىيەت خىزمىتى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىشنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، كەينىگە سۆرەش، ساختىپەزلىك قىلىش ياكى ئەرزىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى بايقىسا، بېجىرىشكە ئۆز ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە خىزمەتنى ياخشىلاش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

  خىزمەتتە بايقالغان مۇناسىۋەتلىك سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا دوكلات قىلىش ھەمدە سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكلىپى بېرىش كېرەك.

  ئەرزىيەت خىزمىتىدە بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىپ، كەينىگە سۆرەپ، ساختىپەزلىك قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورگان، ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا باشقۇرۇش ھوقۇقى بار ئورگان، ئورۇنغا تەكلىپ بېرىش كېرەك.

  ئەرزىيەت تارمىقىنىڭ خىزمەتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپىگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى يازما شەكىلدە قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

  41 - ماددا پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى ئەرزىيەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتنى تەييارلاپ، ھەر يىلى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە، بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. يىللىق دوكلات تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:

  (1) ئەرزىيەت ئىشىغا دائىر سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسى، ئەرزىيەت ئىشى چېتىلغان ساھە، شۇنىڭدەك ئەرز كۆپرەك چۈشكەن ئورگان، ئورۇنلار؛

  (2) پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىنىڭ ئەۋەتىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى؛

  (3) پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقىنىڭ خىزمەتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپى، شۇنىڭدەك قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالى؛

  (4) دوكلات قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

  كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى كۆزىتىلىدىغان، كۆزىتىپ تەكشۈرۈلىدىغان رايون، ئورۇننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا، بىر دەرىجە تۆۋەن ئاساسلىق مەسئۇللارغا دائىر ئەرزىيەت - پاش قىلىش ماتېرىيالى، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مۇھىم ئەرزىيەت مەسىلىلىرى، كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئەرزىيەت ئىشى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  42 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سەۋەبلىك ئەرزىيەت ئىشى يۈزبېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلار بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

  (2) قىل دېگەننى قىلماي، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

  (3) قانۇن، نىزامنى خاتا تەتبىقلاپ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

  (4) بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇننىڭ ئەرز تەلىپىنى قوللاش پىكرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋېلىش.

  43 - ماددا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەرزىيەت تارماقلىرىدىن تاپشۇرۇۋالغان ئەرزىيەت ئىشى تىزىملاشقا، ئەۋەتىشكە، بېجىرىشكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، تىزىملاش، ئەۋەتىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ياكى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئادا قىلمىغانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  44 - ماددا ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار ئورگان، ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، ئورنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

  (1) تاپشۇرۇۋالغان ئەرزىيەت ئىشىنى تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛

  (2) ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلماسلىق؛

  (3) ئەرزىيەت ئىشىنى قوبۇل قىلغان - قىلمىغانلىقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئەرزىيەتچىگە يازما ئۇقتۇرۇپ قويماسلىق.

  45 - ماددا ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئورگان، ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، ئورنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

  (1) ئەرزىيەت ئىشىنى بېجىرىشنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، كەينىگە سۆرەش ياكى ئەرزىيەت ئىشىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بېجىرىپ بولماسلىق؛

  (2) پاكىتى ئېنىق، قانۇن، نىزام، قائىدە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەرز تەلىپىنى قوللىماسلىق؛

  (3) پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەرزىيەت تارمىقى بەرگەن خىزمەتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەكلىپلەرگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەي، كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرمەي، مەسىلىنىڭ ئۇزاققىچە ھەل بولماسلىقىغا سەۋەبچى بولۇش؛

  (4) ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى توغرا ئادا قىلمىغان باشقا ئەھۋاللار.

  46 - ماددا مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇن ۋە ئۇنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى، خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى، ئورنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) ئەرزىيەتچىگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ، ئىستىلى قوپال بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛

  (2) ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا يەۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش؛

  (3) كۆلەملىك كوللېكتىپ ئەرز، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشى كۈچلۈك بولماي، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش؛

  (4) جەمئىيەتكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زور، جىددىي ئەرزىيەت ئىشى ۋە ئەرزىيەت ئۇچۇرىنى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىش ياكى ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماسلىق؛

  (5) ئەرزىيەتچى پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان ماتېرىيالنى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان كىشىگە ياكى ئورۇنغا ئاشكارىلاپ قويۇش، بېرىش؛

  (6) ئەرزىيەتچىدىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش؛

  (7) بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.

  47 - ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 20 -، 26 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇننىڭ خادىملىرى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى، تەنقىدلىشى ياكى ئۇلارغا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

  ئەرزىيەتچىلەردىن جېدەل قىلىپ تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يېپىشىۋېلىپ ئەرز قىلىش، ئىش تېرىپ ئەرز قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرى ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە دائىر قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە زۆرۈر بولغان نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىدۇ، ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  ئەرزىيەتچىلەردىن پاكىتنى ئويدۇرۇپ ۋە بۇرمىلاپ، باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  6 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  48 - ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار، چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرزىيەت ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈلىدۇ.

  49 - ماددا بۇ نىزامنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.

  50 - ماددا بۇ نىزام 2022 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ