2023 -يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ساۋ گۇاڭجىڭنىڭ پارا ئېلىش، ئىچكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش دېلوسىنى قاراپ چىقتى.
شۈجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2004- يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار ساۋ گۇاڭجىڭ جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا قۇرۇلۇشى تەرەققىيات باش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش مۇدىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقى، خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كارخانا تىجارىتى، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، تۈر ئېچىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، يۇقىرىقى ئورۇن ياكى شەخسلەر بەرگەن 216 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ساۋ گۇاڭجىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلدە، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان مەلۇم شىركەتنىڭ پاي كونترول شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. 2021-يىل 1-ئايدا ساۋ گۇاڭجىڭ بۇ ئىچكى ئۇچۇرنى باشقىلارغا ئاشكارىلاپ، باشقىلارنىڭ بۇ ئىچكى ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان، كېيىن پاي چېكىنى سېتىپ 10 مىليون 420 مىڭ يۈەن پايدا ئالغان. ئەيىبلىگۈچى ئورگان پارا ئېلىش جىنايىتى، ئىچكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ساۋ گۇاڭجىڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.
سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ساۋ گۇاڭجىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈردى. ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى تەرەپلەر سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ساۋ گۇاڭجىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى بايان قىلىپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. سوت ئاخىرىدا، سوت ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، باشقا ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 40 نەچچە كىشى سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ