«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەردىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى

2023.10.19 11:15 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 18-كۈنى، چىڭداۋ غەربىي دېڭىز قىرغىقى يېڭى رايونى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا، شەندۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان ئىرانلىق ئوقۇغۇچى خادى (سولدىن 1 - كىشى ) جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەكتە.

  شۇ كۈنى، چىڭداۋ غەربىي دېڭىز قىرغىقى يېڭى رايونى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش بازىسىغا تايىنىپ، شەندۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش شۆيۈەنى بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيە، ماراكەش، سلوۋاكىيە، سالۋادور، ئىران قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرغان دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى يىڭنە سانجىش، لوڭقا قويۇش، ئۇۋۇلاش، ئەمەن ئارقىلىق داغلاش، قۇلاق ئۇۋۇلاش قاتارلىق جۇڭگو تېبابىتى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ