تۈنۈگۈن چۈشتە جىنخۇا كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى گۆشلۈك، ئىككى گۆشسىز سەي بىلەن بېلىقنى ھەقسىز بەردى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھەقسىز بېلىق ئۈلۈشكۈن مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى كۆلدىن تۇتۇلغانىدى.
ئۈلۈشكۈن بۇ مەكتەپنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش ھەپتىلىكىدىكى «بەختلىك ئالتۇن كۆل بېلىق تۇتۇش بايرىمى» دا 10 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق بېلىق تۇتۇلدى، يەنى بەش توننىدىن ئارتۇق بېلىق تۇتۇلدى، ئاق لاققا بېلىق، چىپار لاققا بېلىق، كۆك بېلىق قاتارلىق نۇرغۇن بېلىقلارنىڭ ئېغىرلىقى 20-30 جىڭ، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 55 جىڭ كەلدى.
مەكتەپداشلار، ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلارمۇ بېلىق تۇتۇش سېپىگە قوشۇلدى. بارلىق بېلىقلار ئاشخانىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقسىز يېيىشىگە بېرىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ