جۇڭگو ۋەكىلى: ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك، پۇقرالارنى قوغداش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىش

2023.10.18 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيە تەييارلىغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى.

  ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 16-چېسلا كەچتە رۇسىيە تەييارلىغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكتىن، قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن ئاۋازغا قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىزاھات خاراكتېرلىك سۆز قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار لايىھەسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندى ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى كېرەك، پۇقرالارنى قوغداش بارلىق تەرەپلەر ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئىش دەپ تەكىتلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ