2023-يىللىق سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئېچىلدى

2023.09.27 09:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئوردوس شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2023- يىللىق سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 9-ئاينىڭ 22 - كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئېچىلدى. مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كەلگەن سودا مۇھىتى ساھەسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، مۇتەخەسسىس، ئالىملار يىغىنغا قاتنىشىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ يېڭى مېخانىزمى، يېڭى يولى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى ۋە ئىزدەندى.

  جۇڭگو سىياسەت ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مالى، خەلق تورىنىڭ باش مۇدىرى، باش لىدىرى يې جېنجېن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى (نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى) نىڭ باشلىقى فۇ لېي، ئوردوس شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى لى ، ئوردوس شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى دۇ خۇيلياڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاڭ يىڭسۈن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مالى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ياخشى سودا مۇھىتى ئېغىزدا ئەمەس ئىشلەشتە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىدە تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، كۆز قاراش ۋە ئۇسۇلدا، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش تەجرىبىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ياخشى سودا مۇھىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، رىقابەت كۈچى دېمەكتۇر. يىغىننىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى تەپەككۇر يولىنى ئېچىپ، يېڭى يول ئېچىپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش غەيرىتى ۋە پۇختا مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەقىقىي تۈردە ئەلا، ئازادە سودا مۇھىتى بىلەن بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يې جېنجېن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق تورى «توردىكى خەلق گېزىتى» بولۇپ، يۇقىرىدا پارتىيە رايىنى تۇتاشتۇرۇش، تۆۋەندە ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق جايلارنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەجرىبە نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ قېزىپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىشقا ئورتاق ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.دۇ خۇيلياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوردوس شەھىرى بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مۇھىتنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشتۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سودا مۇھىتىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر قاتارىغا كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ سودا مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ؛ تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن يېڭى يول ئېچىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلغارلار بىلەن بەسلىشىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوردوس تەجرىبىسىنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، ئوردوس ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك يارىتىدۇ؛ تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنى داۋاملىق زورايتىپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بەش يىل ئىچىدە 1 تىرىليونلۇق GDP شەھىرىگە ئايلىنىپ، مەملىكەت بويىچە 30 كۈچلۈك ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر قاتارىغا كىرىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ما ۋېن مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرقى ئەھۋالغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، «داۋاملاشتۇرۇشقىلا بولىدۇكى، ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى. ئىچكى-تاشقى ئۆزگىرىش ئاپتونوم رايوننىڭ سودا مۇھىتىغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىچكى موڭغۇل كارخانىلارغا چېتىلىدىغان مۇلازىمەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، قولايلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق قوغداش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاشنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمى، خەلق تورى ليۇ يىلىن فوتوسىتەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا، خەلق تورىنىڭ «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى توپلاش ئىچكى موڭغۇل يولى رەسمىي باشلاندى؛ خەلق تورى ئىچكى موڭغۇل شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بەي جيەنپىڭ «2023-يىللىق سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش دېلو مىساللىرىنى توپلاش»تىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى؛ خەلق تورى تور ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيا «كارخانىلارنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى مەركەز قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئوتتۇرىسىدا ئالاقە كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش ـ خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى»دىكى سودا مۇھىتى توغرۇلۇق قالدۇرۇلغان تەكلىپ-پىكىرلەرنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى؛ خەلق تورى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لياۋ شەنلياڭ « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 2023-يىللىق سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى كۆزىتىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.

  يىغىندا، ئوردوس شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى سۇ سۈيفاڭ، شاڭخەي شەھىرى باۋشەن رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي مىڭ، بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يەن پېڭ، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى چاڭچۈن يېڭى رايونى مەمۇرىي مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۈ گۇاڭشىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا تىپىك سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ