دۆلەت ئىچى سىستېمىسىدىكى مۇھىم بانكىلار تىزىملىكى

2023.09.25 11:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باش بانكا بىناسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  ئىككى تارماق دۆلىتىمىز سىستېمىسىدىكى مۇھىم بانكىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ 22-چېسلا جۇڭگو خەلق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەتلىك پۇل-مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 2023-يىللىق ئېلىمىز سىستېمىسىدىكى مۇھىم بانكىلارنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى سىستېمىسىدىكى مۇھىم 20 بانكىنى بېكىتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە سودا بانكىسىدىن ئالتىسى، پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىسىدىن توققۇزى، شەھەر سودا بانكىسىدىن بەشى بار ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلىتىمىز سىستېمىسىدىكى مۇھىم بانكىلار سىستېمىنىڭ مۇھىملىقىغا ئاساسەن تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن:

  بىرىنچى گۇرۇپپىدا 10 بانكا بار بولۇپ، جۇڭگو گۇاڭدا بانكىسى، جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى بانكىسى، ئامانلىق بانكىسى، خۇاشيا بانكىسى، نىڭبو بانكىسى، جياڭسۇ بانكىسى، گۇاڭفا بانكىسى، شاڭخەي بانكىسى، نەنجىڭ بانكىسى، بېيجىڭ بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  ئىككىنچى گۇرۇپپىدا ئۈچ بانكا بار بولۇپ، جۇڭشىن بانكىسى، پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا ئۈچ بانكا بار بولۇپ، قاتناش بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، گۈللىنىش بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  تۆتىنچى گۇرۇپپىدا تۆت بانكا بار بولۇپ، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  بەشىنچى گۇرۇپپىغا ۋاقتىنچە بانكا كىرمىدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسىدىكى ئالاقىدار كىشى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو خەلق بانكىسى، دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، سىستېمىدىكى مۇھىم بانكىلارنىڭ قوشۇمچە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، سىستېمىدىكى مۇھىم بانكىلارنىڭ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە كاپىتال ۋە قوشۇمچە پىشاڭ نىسبىتى تەلىپىنى قاندۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە زىياننى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش بىلەن مىكرولۇق ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىستېمىدىكى مۇھىم بانكىلارنىڭ پۇختا تىجارەت قىلىشى ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مەدەت بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ