جاڭ ۋۇفېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2023.09.22 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، سىچۈەن ئۆلكىسى دېياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ ۋۇفېڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

  دېياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2003- يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ ۋۇفېڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىسى لىنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرى، خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن. 2006-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاڭ ۋۇفېڭ ئۆزى ياكى ئەمەلىي كونترول قىلغان كارخانا ئارقىلىق قانۇنسىز مال-مۈلۈك قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 16 مىليون 470 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 600 مىڭ يۈەننى دېلو تۇرغۇزۇلغىچە ئەمەلىي قوبۇل قىلمىغان. تەپتىش ئورگانلىرى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاڭ ۋۇفېڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى.

  سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار جاڭ ۋۇفېڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈش ئېلىپ باردى، ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، جاڭ ۋۇفېڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن 40 نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ