20-چېسلا كەچتە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈچ ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە جىنەن ياۋچياڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قونۇشىغا ئەگىشىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە جۇڭگو ساقچىلىرى بىلەن ھىندونېزىيە ساقچىلىرى ساقچى ئىشلىرى قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن چېگرا ھالقىغان يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان 153 تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىنى بېيجىڭ، شەندۇڭ ج خ ئورگانلىرى ھىندونېزىيەدىن يالاپ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرگە چېتىشلىق 100دىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى.
ج خ مىنىستىرلىقى نۆۋەتتىكى يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، بېيجىڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنى نۇقتىلىق دېلولارغا دىققەت قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇشنى كۈچەيتىپ، ھىندونېزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى چېگرا ھالقىغان ئالاھىدە چوڭ يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەت شايكىسىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىدى. بۇ يىل 8-ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، شەندۇڭ ج خ ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ھىندونېزىيەگە بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئېلىمىزنىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ساقچى ئىشلىرى ئالاقە ئەمەلدارىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ھىندونېزىيە ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالاقىدار جىنايەت ئۇۋىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، چېگرا ھالقىغان يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان 88 تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىنى بىراقلا قولغا چۈشۈردى، زور بىر تۈركۈم كومپيۇتېر، يان تېلېفون، بانكا كارتىسى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالدى. ئارقىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسى لىنىيە بويلاپ چوڭقۇر قېزىپ، ھىندونېزىيەنىڭ بادەن ئارىلى، كالىمانتان قاتارلىق جايلارغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايەت ئۇۋىسىنى بايقاپ، ئالاقىدار جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا، ھىندونېزىيە ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ 2-نۆۋەتلىك تور يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 65 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يالىڭاچ پاراڭلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش قاتارلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى جەمئىيەت تەرتىپىگە، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ج خ ئورگانلىرى بۇ خىل جىنايەتلەرگە يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جىنايەتچىلەرنى قەتئىي قانۇن بويىچە جازالاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ