يېقىندا جياڭسۇ ليەنيۈنگاڭ گۇەنيۈن ناھىيەسىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا خەتەرلىك بىر كۆرۈنۈش يۈز بەردى. تۆت يېرىم ياشلىق قىز تۆتىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۈشۈپ كەتتى، خەتەرلىك پەيتتە بىنانىڭ ئاستىدىكى بىرنەچچە قوشنىسى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىپ كىرلىكنى ئېچىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە، گۇەنيۈن ناھىيەسى دۇڭۋاڭجى بازىرى يۈجىڭ دۇڭفاڭ ئولتۇراق رايونىدا دەم ئېلىۋاتقان ۋاڭ جېڭ تۇيۇقسىز دېرىزە سىرتىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئاۋازىنى ئاڭلىدى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال بىنادىن چۈشۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغانىدى، تۆتىنچى قەۋەتتىكى بىر قىزچاق ئىككى قولى بىلەن دېرىزىنى تۇتۇپ، ئەينەكنىڭ گىرۋىكىدە تۇرۇپ قالغان ئىدى، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.
بۇ چاغدا، بىرنەچچە ئاھالە بىناغا چىقىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەككەن بولسىمۇ، ھېچكىم جاۋاب قايتۇرمىدى. ۋاڭ جېڭ تېز قەدەم بىلەن بالىنىڭ ئاستىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئىككى قولى بىلەن قۇچاقلاش ھالىتىدە تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرىنچى قەۋەتتىكى ئاھالىلەرگە قوماندانلىق قىلىپ دېرىزە سىرتىدىكى كىيىم ئاسقۇچنى يىغىۋېلىشنى بۇيرىدى ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا ئايالىغا تېز بېرىپ يوتقاننى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى.
ۋاڭ جېڭنىڭ ئايالى يوتقاننى قۇچاقلاپ نەق مەيدانغا بېرىشقا ئۈلگۈرمەيلا دەرھال ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن قېلىنراق يوتقان كىرلىكىنى تاشلاپ بەردى، ۋاڭ جېڭ بىر نەچچەيلەننى چاقىرىپ ئۇنى تارتىپ، يوتقان كىرلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن بىر يۇمشاق سېلىنچا ھاسىل قىلدى، ئۇ ئەمدىلا يوتقان كىرلىكىنى تۇتۇپ، تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشىغا، قىزچاق بىنادىن چۈشۈپ كەتتى، كۆپچىلىك ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى قىزچاق بىلەن مومىسى ئۆيدە بولۇپ، مومىسىنىڭ يېشى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، ئازراق سەل قارىغانلىقتىن، بالا دېرىزە سىرتىغا يامىشىپ چىققان ئىكەن. بۇ ئىشتىن كېيىن، بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قۇتقۇزغان قوشنىلىرىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە «ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى» دېدى. ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ئۈندىدار توپىدا بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئادەم قۇتقۇزۇش ئىشى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە ئالقىشلىدى! ھالقىلىق پەيتتە، ۋاڭ ئۇستام قاتارلىق بىرنەچچە كىشىنىڭ جىددىي پەيتتە ئەقىل تېپىپ، ئادەم قۇتقۇزۇشى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئۇلار ماختاشقا ئەرزىيدۇ!
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ