قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى يۈز يىللىق كونا چايخانىدا كىشىلەر مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى (9-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان ).
قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن تار كوچىلارنى كېسىپ ئۆتكەندە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە يۈز يىللىق كونا چايخانا بار بولۇپ، بۇ شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە قىلىدىغان مۇھىم سورۇنى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جايى ئىدى.
جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلى شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يەنىلا ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، كونا چايخانىدا ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، كىشىلەر بۇ يەردە توختاپ ئارام ئېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىدا مىڭ يىلدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن چاي پۇرىقىنى پۇرايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان قەشقەردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ