بىر ئايال 30 مىڭ يۈەنگە ئۆز قىزىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ، ساقچى تەرەپتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، قىزىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتۇرۇپ كەلدى

2023.09.21 15:13 مەنبە: خەلق تورى

  تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان بوۋاقنى ئۆز ئانىسى 30 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى. 20-چېسلا، مۇخبىرنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چىفېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى يۈەنباۋشەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە تۆت سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنى تېز پاش قىلىپ، بەش جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، ئالداپ سېتىلغان بىر بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان.

  سۈرەتتە: ساقچىلار ئالداپ سېتىلغان بوۋاقنى قۇتقۇزدى. يۈەنباۋشەن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت.

  9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئايال چيەن XX يۈەنباۋشەن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان بالىسىنى باشقىلارغا 30 مىڭ يۈەنگە ساتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

  يۈەنباۋشەن رايونىدىكى ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرگەن ھەمدە گۇماندارنى بېكىتكەن. تۆت سائەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، تەكشۈرگۈچى خادىملار ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىنايەت گۇماندارى جوۋ XX، جېڭ XX، سۈن XX، ۋۇ XX قاتارلىقلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

  سوئال سوراش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، چيەن XX سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە بىر ئەر بىلەن تونۇشقان. بىر مەزگىل بىللە ئۆتۈش ئارقىلىق، ئىككەيلەن مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە بىللە تۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي چيەن XX ھامىلدار بولۇپ قالغان، لېكىن ئەر بۇ بالىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان.

  2023-يىل 5-ئايدا چيەن XX يۈەنباۋشەن رايونىغا قايتىپ كېلىپ، بالىنى تۇغۇشنى قارار قىلغان. تۇغۇتتىن ئىلگىرى بالنىستتا ياتقان مەزگىلدە، چيەن XX دائىم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىنى بېقىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇ چاغدا جوۋ XX بىلەن جېڭ XX چيەن XXنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، چيەن XXگە ياردەم قىلىپ بالىسىنى ياخشى ئائىلىنىڭ بېقىشىغا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ يەنە پۇل بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  ئىككى تەرەپ باھا تالىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چيەن XX تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى 30 مىڭ يۈەن باھادا سۈن XX ئەر-خوتۇنغا «ئالدىن سېتىپ بەرگەن».

  سۈرەتتە:جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى. يۈەنباۋشەن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى تەمىنلىگەن سۈرەت.

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى، چيەن XX دوختۇرخانىدا بىر قىز بوۋاق تۇغقاندىن كېيىن، بىرنەچچەيلەن ئالدىن كېڭىشكەن پىلان بويىچە، چيەن XX بالىنى ئورۇندۇقتا ئۇنتۇپ قالغان كىشى بولۇپ كېتىپ قالغان، ئارقىدىن سۈن XX ئەر-خوتۇن ئىككىسى دەرھال كېلىپ بالىنى ئېلىپ كەتكەن ھەمدە «ۋاسىتىچى» جوۋ XX بىلەن جېڭ XXگە رەھمەت ئېيتىپ 10 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن.

  ئۆز قىزىنى سېتىۋېتىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، چيەنXX پۇشايمان قىلىپ، بالىسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان. لېكىن ئۇ سۈن XX ئەر-خوتۇن بىلەن ئالاقىلىشالمىغان. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۇ يۈەنباۋشەن رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىغا كېلىپ دېلو مەلۇم قىلغان ھەمدە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

  ھازىر بەش جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ