جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن پارلامېنتقا دوكلات سۇنۇپ، جۇڭگونى ئاتالمىش «ئاساسلىق زەھەر مەنبەسى دۆلىتى» دەپ بېكىتتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش بېكىتىشىنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، پۈتۈنلەي يامان نىيەتتە قارا سۈركىگەنلىك، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتىي قارشى تۇرىدۇ، ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو 456 خىل ناركوز دورىسى، روھىي دورا ۋە ئىككى خىل ماددىنى باشقۇرۇپ، زەھەرنى ئەڭ كۆپ باشقۇرىدىغان، ئەڭ قاتتىق باشقۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. جۇڭگودا باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملار 38 خىلغا يېتىپ، ب د ت تىزگىنلىگەن تۈرلەردىن 14 خىلى كۆپ بولدى. جۇڭگو زەھەر چەكلەش تارماقلىرى ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتتى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. شەك شۈبھىسىزكى، جۇڭگو يەر شارىدىكى زەھەرنى تۈزەشتىكى نەمۇنە، زەھەر چەكلەش سىياسىتى ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل كېسىل ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكىغا قارايدىغان بولساق، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %5 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما دۇنيادىكى ئەپيۈن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ %80 ىنى ئىستېمال قىلىدۇ، بۇنى دۇنيا زەھەر چەكلەش ئىشلىرىدىكى قارا ئۆڭكۈر ۋە قالايمىقان مەنبە دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ «ئاساسلىق زەھەرگە ئېھتىياجلىق دۆلەت» بولۇپ، جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش تىرىشچانلىقىغا قالايمىقان گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق. ئامېرىكىدا زەھەرنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ مەنبەسى ئۆز ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، ئىچكى ئېھتىياجنى ئازايتىشلا ماھىيەتتىن تۈزەش يولى. بىز ئامېرىكىنى جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىش، قارا چاپلاشنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا، ئەكسىچە ئىش قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ