مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى جۇڭگو ھاۋاي تاغ ئوت ئاپىتى توغرىسىدا ساختا ئۇچۇر تارقاتتى، دېدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى

2023.09.19 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 18-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر: يېقىندا «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە جۇڭگو سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھاۋاي تاغ ئوت ئاپىتى توغرىسىدىكى ساختا ئۇچۇرنى ھاسىل قىلدى، جۈملىدىن شياجۇ تاغ ئوت ئاپىتىنى ئامېرىكا سىناق قىلغان مەخپىي «مېتېئورولوگىيە قورالى» كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ جاكارلىدى ھەمدە ئالاقە تورىدا تارقىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالدى دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇ توغرىسىدا دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلەمدۇ؟ دەپ سورىدى.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار خەۋەرلەر ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس. ئاتالمىش «مېتېئورولوگىيە قورالى» سۆزى ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن كەلگەن، جۇڭگودىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار پەقەت نەقىل كەلتۈردى ۋە كۆچۈرۈپ تارقاتتى،«ساختا ئۇچۇر ياساش، تارقىتىش» دەيدىغان گەپ مەۋجۇت ئەمەس. ھەقىقىي ساختا ئۇچۇر ئويدۇرۇپ تارقىتىۋاتقىنى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى».

  ئەمەلىيەتتە، تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمىدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە خەلقى بەس-بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇندى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئامېرىكىدا يامرىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جىددىي ماددىي ئەشيا توپلاپ، ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە ئوبلاست، شەھىرىگە ياردەم بېرىپ، ئامېرىكا تەرەپ زاتلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇلتۇر 8-ئايدا چۇڭچىڭدىكى ئوت ئاپىتىدە، جۇڭگو غەربىي جەنۇب داشۆسىدىكى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئوقۇتقۇچىلار موتورلۇق ھەرە كۆتۈرۈپ تاغقا چىقىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىشلىدى، جۇڭگو تور ئەھلى بەس-بەستە ماختىدى. ھاۋاي ئىشىتاتىدا ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپ دەرھال ھال سورىدى ھەمدە زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مانا بۇلار جۇڭگو-ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ھەقىقىي بايانى.بىز ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار تاراتقۇلارنى ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ، بىتەرەپلىك پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ