9-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۈيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكار يۈ خۇايىڭغا بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال ـ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە گۇڭ Xلياڭ (ئۆلۈپ كەتكەن) بىلەن بىرلىشىپ قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، گۈيجوۋ ئۆلكىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يۈرۈپ، بالىلارنى ئالداپ ساتقان، ئالدىغان بالىلارنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ۋاڭ Xفۇ (باشقا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ)، ياڭ فامىلىلىك لەن (باشقا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سېتىۋالغۇچى تېپىپ ساتقان، بۇ ئارقىلىق پايدا ئالغان، بۇ مەزگىلدە جەمئىي 11 بالىنى ئالداپ ساتقان. گۈيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى، جاۋابكار يۈ خۇايىڭ قانۇنسىز مەنپەئەتنى كۆزلەپ، كۆپ قېتىم بالىلارنى ئالداپ ساتقان، ئۇنىڭ قىلمىشى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، ئىجتىمائىي خەۋپى ئىنتايىن زور، قاتتىق جازالاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى ھۆكۈم چىقىرىلدى.
جاۋابكار يۈ خۇايىڭ سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ