179 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى گۇماندارلىرى لائوستىن ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى!
2023.09.12 14:13 مەنبە: خەلق تورى
9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈچ ئايروپىلانى شىجياجۇاڭ جېڭدىڭ خەلئقارا ئايرودۇرۇمى، جېڭجوۋ شىنجېڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ساختا مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇش تۈرىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 164 جىنايەت گۇماندارى خېبېي، خېنەن، چۇڭچىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرىپىدىن لائوستىن ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى، ئالدىنقى مەزگىلدە ئەنخۇي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يالاپ ئېلىپ كەلگەن 15 جىنايەت گۇماندارىنى قوشقاندا، بۇ قېتىم جۇڭگو-لائوس ساقچىلىرى ساقچى ئىشلىرى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ قولغا چۈشۈرگەن 179 نەپەر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسى ۋەتەنگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 13 ئۆلكە (شەھەر)گە چېتىلىدىغان 270 تىن ئارتۇق پەۋقۇلئاددە زور چېگرا ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ