چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن لىڭ يەنۋۇ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

2023.09.12 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 7-كۈنى ، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارالىق قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى بىلەن، خۇنەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنى، ج خ ئورگىنى ئالاقىدار دۆلەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋە ئىقتىسادىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇماندار لىڭ يەنۋۇ چېگرا سىرتىدا قولغا چۈشتى ھەمدە ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى.

  چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن لىڭ يەنۋۇ ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىندى

  لىڭ يەنۋۇ، ئەر، 1976- يىل 8-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن شىنكەيلۇڭ سودا زېمىن تىجارەت پىلانلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەسلىدىكى قانۇنىي ۋەكىلى بولۇپ، پارا بېرىش، دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقى قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە چېتىلىپ 2019-يىل 2 -ئايدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. دېلو بېجىرگۈچى ئورگان دېلوغا چېتىشلىق پۇلنى ۋاقتىدا توڭلىتىپ، خەلقئارالىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ ئۇنى تۇتۇپ كەلگەن.

  مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لىڭ يەنۋۇ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئۆزىگە تارتىپ، چىرىكلىشىپ دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتتى، ئۇنى تۇتۇپ كېلىش ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ «تىيەنۋاڭ تور ھەرىكىتى»نى داۋاملىق قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ