چېن جيادۇڭ 1- سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2023.09.06 11:42 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى چېن جيادۇڭنىڭ پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار چېن جيادۇڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى، قوشۇمچە 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى. خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان زاڭ پۇل-مالنى قايتۇرۇۋالدى، خىيانەت قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ ئېرىشكەن قىسمىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئورۇنغا قايتۇرۇپ بەردى، پارا ئالغان قىسمىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇردى، يەتمىگەن قىسمىنى داۋاملىق تۆلىتىشنى قارار قىلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 2000-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋابكار چېن جيادۇڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، فۇجيەن ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، فۇجيەن ئۆلكىسى جاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شيامېن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقى ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئورمان يېرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈك خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 94 مىليون 150 مىڭ يۈەندىن ئاشقان؛ 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، چېن جيادۇڭ جاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ 3 مىليون 410 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دۆلەت مۈلكىنى يۇتۇۋالغان؛ 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چېن جيادۇڭ جاڭجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېچىش سودىگەرلىرىگە قۇرۇلۇش پۇلىنى كۆپ تۆلەپ، دۆلەت مال-مۈلكىنى 190 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان.

  نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار چېن جيادۇڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پارا ئالغان، خىيانەت قىلغان سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر. چېن جيادۇڭنىڭ بىر قىسىم پارا ئېلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان، خىيانەتچىلىك قىلمىشىنى ئۆزى مەلۇم قىلغان، تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، رېۋىزىيە ئورگانلىرى تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىپ، زاڭ پۇل-مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلس-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتىگە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ، ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ