دۆلىتىمىز بۇ تۈردە تەخمىنەن 200 مەكتەپنى كۆپەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

2023.06.15 23:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە 200 دەك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئەمەلىي تولۇق كۇرس مەكتىپى كۆپىيىپ، زىچ تۇتاشقان كەسپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى كەسپىي سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ مىڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي مائارىپ جەھەتتە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە كەسپ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىش زۆرۈر. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بىز شۇنى بايقىدۇقكى، بەزى كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپ تەسىس قىلىشى بىلەن كەسپ ئېھتىياجىنىڭ ماس كېلىشى دەرىجىسى تۆۋەن، كەسپ زەنجىرى ئىگىلىك زەنجىرىگە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك تىرەك ھاسىل قىلمىغان.

  شۇڭا، دۆلەت «14-بەش يىللىق» مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپ كەسپ بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالايدۇ، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئالاقىدار زاپاس مەكتەپ ۋە تۈرلەرنى تەڭشەيدۇ.

  يېڭىدىن 200 دەك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئەمەلىي تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى كۆپەيتىلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ كەسپ بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈرىگە مەركەز خامچوتىدىن مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نۇقتىلىق مەدەت بېرىدۇ.

  كەسپىي مەكتەپلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنىرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق كەسپلەر ئېھتىياجلىق بولغان بىر تۈركۈم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈر، پەرۋىش، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلار قىس كەسپلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مېتاللورگىيە، تېببىي دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم ئەنئەنىۋىي كەسپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن، كەسپىي ئىش ئورنى يوقالغان كەسپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە شاللىۋېتىش، مەكتەپلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىس، بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسپلەرنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىش زۆرۈر.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ مىڭ مۇنداق دېدى: كەسپ زەنجىرىنى زىچ تۇتاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ كەسپىي سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «پەن كەسپلەرگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، كەسپ ئېھتىياجنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ»دېگەننى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ