مۇھىم خەۋەرلەر

لياڭ ۋېنبو ۋە لى خاڭنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى

2023.06.08 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى ساختا توپ ئوينىغان جۇڭگولۇق توپچىلارغا جەرىمانە قويدى، لياڭ ۋېنبو ۋە لى خاڭنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى.


  دۇنيا كەسپىي بىليارت ۋە سىنوكېر جەمئىيىتى (دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى) 6-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ساختا توپ ئوينىغان دەپ ئەيىبلەنگەن 10 نەپەر جۇڭگولۇق توپچىغا جەرىمانە قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە لياڭ ۋېنبو ۋە لى خاڭنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ئۆمۈرۋايەت چەكلەندى.


  بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 27-كۈنى لياڭ ۋېنبونىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى كېيىنكى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە يەنە لۇ نىڭ، لى خاڭ، جاۋ جيەنبو، بەي لاڭنىڭ، چاڭ بىڭيۈ، يەن بىڭتاۋ، چېن زىفەن، جاۋ شىنتۇڭ ۋە جاڭ جيەنكاڭغا ئوخشاش تەدبىر قوللىنىپ، يۇقىرىقى 10 نەپەر توپچىنىڭ دۇنيا سىنوكېر سەييارە مۇسابىقىسى ۋە باشقا دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى باشقۇرۇشىدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى. دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسى شۇ چاغدا بۇ توپچىلارنىڭ توپقا دو تىكىش مەقسىتىدە مۇسابىقە نەتىجىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو بىليارت جەمئىيىتىمۇ بۇ 10 نەپەر توپچىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىليارت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى توختاتقان.


  بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇستەقىل ئىنتىزام كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن رەسمىي جازا بېرىپ، لياڭ ۋېنبو بىلەن لى خاڭغا مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقتەك ئەڭ ئېغىر جازانى ھۆكۈم قىلدى، ئىككىيلەنگە يەنە 43 مىڭ فوندستېرلىڭ (بىر فوندستېرلىڭ تەخمىنەن 8.85 يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويدى.


  ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، لياڭ ۋېنبو بەش مەيدان مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ياكى كونترول قىلىشقا قاتناشقاندىن باشقا، يەنە باشقا توپچىلارنى توققۇز مەيدان مۇسابىقىنى كونترول قىلىشقا كۈشكۈرتكەن ياكى ياردەملەشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سىنوكېر مۇسابىقىسىگە دو تىككەن، دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى سەزگەندە ئۆزىنىڭ مۇسابىقىنى كونترول قىلىش قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان ھەمدە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشنى رەت قىلغان. ئۇ يەنە باشقا توپچىلارغا تەھدىت سېلىپ، قارشى تەرەپكە يان تېلېفوندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرگۈزگەن ياكى قارشى تەرەپنى تەكشۈرۈشكە ماسلاشماسلىققا ئۇرۇندۇرغان.


  لى خاڭ ئوخشاشلا مۇسابىقىنى كونترول قىلىش ۋە باشقىلارنى مۇسابىقىنى كونترول قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ياكى ياردەملىشىشكە چېتىلغان، ئىلگىرى سىنوكېر مۇسابىقىسىگە دو تىككەن، شۇنداقلا مۇسابىقىنى كونترول قىلىش قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.


  قالغان سەككىز ئادەم مۇسابىقىنى كونترول قىلغانلىقى ياكى سىنوكېر مۇسابىقىسىگە دو تىككەنلىكى ئۈچۈن، سەككىز يىلدىن ئىككى يىل ئالتە ئايغىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىشى چەكلەندى، لېكىن جىنايىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىقرار قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقىگە قاتناشماسلىق ۋاقتى بەش يىل تۆت ئايدىن بىر يىل سەككىز ئايغىچە قىسقارتىلدى. تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك جەرىمانە سوممىسى ئوخشاش 7500 فوندستېرلىڭ بولدى.


  دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فېرگۇسون مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ دېلو، شۇنچە كۆپ تالانتلىق ياش ماھىرلارنىڭ ئىككى نوپۇزلۇق ماھىرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن دۇنيا بىليارت تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئازابلايدۇ. ھەرقانداق سىنوكېر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى ئۆمۈرۋايەت چەكلەش جازاسى بۇ خىل قىلمىشنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.


  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، توپچىلار 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ھۆكۈمگە قارىتا نارازىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ