مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى بېيجىڭ تۈر باشقۇرۇش شىركىتى خۇ جىيۇڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى ھەمدە ئىنتىزام جەھەتتىن تەكشۈردى

2023.06.08 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى بېيجىڭ تۈر باشقۇرۇش شىركىتى ئۈندىدار سالونىدا ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلدى، تولۇق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
  ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى
  توردىكى شىركىتىمىزگە قاراشلىق خۇەنچيۇ تۈر باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى خۇ جىيۇڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، شىركەت پارتكومى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا تەشكىللىدى. ھازىر بۇ ئىشقا چېتىشلىق خۇ جىيۇڭ خۇەنچيۇ تۈر باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى، باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە شىركەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. شىركەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

  بېيجىڭ تۈر باشقۇرۇش شىركىتى
  2023-يىل 6-ئاينىڭ 7-كۈنى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ