مۇھىم خەۋەرلەر

نېمىشقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋاقتىدىلا يامغۇر ياغىدۇ؟ بىرەر ئاساسى بارمۇ؟

2023.06.08 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، يامغۇردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن يامغۇر تەڭلا كېلىدۇ. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ راستىنلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كەلسىلا يامغۇر ياغامدۇ؟


  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئەسلىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئايدا ئېلىنىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ ۋاقىتتا ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى 1971-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان ماتېرىياللارنى تەھلىل قىلىپ 6-ئاينىڭ 2- بەش كۈنى (6-ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە) دىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنىڭ 7-ئاينىڭ 2-بەش كۈنى (7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە) دىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 6- ئايدىكى نىسپىي نەملىك، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئوتتۇرىچە يۈز بېرىش نىسبىتى ۋە كەلكۈننىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى 7-ئايدىكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى 7-ئايدىن 6-ئايغا تەڭشىگەن ئىكەن.


  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلىمىز ئادەتتە 6-ئايدا ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا، يازلىق مۇسسۇن شامىلى ئاساسلىقى شەرقىي ئاسىيا رايونىدا كۆرۈلىدىكەن، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار تىپىك مۇسسۇن شامىلى كىلىماتى رايونى بولغاچقا، ئېلىمىزدىكى مۇسسۇن شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان رايونلاردا بۇ ۋاقىتتا ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولىدىكەن.


  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر يىلى 6-،7-ئايلار ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ «يامغۇر يېغىنى پەسلى» بولۇپ، شۇڭا «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كەلسىلا يامغۇر ياغىدۇ»، ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ئاسان ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. گەرچە ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە يامغۇرنىڭ ئىمتىھانغا بولغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، كىشىلەردە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.


  بېيجىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە بېيجىڭ كەلكۈن مەزگىلىگە كىردى، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر كۆپىيىشكە باشلىدى. تۈنۈگۈن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى، چۈشتىن كېيىن قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدى، بۇ دەل «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كەلسىلا يامغۇر ياغىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىسپاتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۈگۈن بېيجىڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا يەنە گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن؛ 10-چېسلا كۈندۈزى غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمىدا يەنىلا گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىشى مۇمكىن. يامغۇر ۋە كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايىغا قارىتا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىپ، يامغۇرلۇق ئېلىۋېلىپ، ھاۋا رايىنىڭ قاتناشقا بولغان تەسىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق تاللىشى كېرەك.









  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ