مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا بوزەك قىلىش ۋە قورقۇتۇشنىڭ مەنىسىنى ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق بىلىدۇ

2023.06.08 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 7-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


  بىر مۇخبىر سوئال سوراپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ ھىندىستان-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى كانبېر 6-چېسلا دېيىشىچە، جۇڭگو قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا خەتەرلىك سەپەر قىلىشى، تەدبىر قوللىنىپ كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كادىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا قاراتقان قىلمىشى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»، جۇڭگونىڭ «بوزەك قىلىشى»غا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، جۇڭگونىڭ «قورقۇتۇشى»نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟


  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بوزەك قىلىش، قورقۇتۇشقا كەلسەك، ئامېرىكا بۇنىڭ مەنىسىنى ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا تېخىمۇ ئېنىق بىلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2022-يىلىلا ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى رازۋېدكا ئايروپىلانلىرى جۇڭگوغا يېقىن جايدا 800 قېتىمدىن ئارتۇق رازۋېدكا قىلغان. 2022-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە كۆپ قېتىم ئاۋىياماتكا ئەۋەتىپ زەربە بېرىش توپىنى جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا ئەۋەتكەن. بۇ خىل ھەربىي ئۈستۈنلۈككە تايىنىپ ھەيۋە قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھەقىقىي ھالدا بوزەك قىلىش، قورقۇتۇش قىلمىشىدۇر، شۇنداقلا دېڭىز، ھاۋا بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنىڭ مەنبەسىدۇر.


  ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا تاقابىل تۇردى، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەمدە قانۇنلۇق بولۇپ، ئاتالمىش «بوزەك قىلىش» بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتى يوق. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جەھەتتە، جۇڭگونىڭ مۇرەسسە قىلىش، يول قويۇش بوشلۇقى يوق، بۇ يەردە «بوزەك قىلىش» ۋە «قورقۇتۇش» مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت جۇڭگو چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپ ۋە تۆۋەن چەكلا بار خالاس.



  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ