مۇھىم خەۋەرلەر

ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ

2023.06.08 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 7-چېسلا سائەت 8دىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنداق جاكارلىغان: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئىرىس شىئومارا كاسترو سارمىئېنت 9-چېسلادىن 14-چېسلاغىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.


  شۇ يەر ۋاقتى 2023-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، ھوندۇراس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت»نى ئۈزىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.


  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى. ھوندۇراس شۇ كۈندىن باشلاپ تەيۋەن بىلەن بولغان «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت» نى ئۈزىدۇ ھەمدە تەيۋەن بىلەن بولغان بارلىق ئالاقە ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىسىنى توختىتىدۇ.


  شۇ كۈنى دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ بېيجىڭدا ھوندۇراسنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رېينا بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئاخباراتى»غا ئىمزا قويدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھوندۇراس جۇمھۇرىيىتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئاخبارات ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ھەمدە باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
6-ئاينىڭ 3 - كۈنى، ھوندۇراس زۇڭتۇڭى شىئومارا كاسترو ھوندۇراستىكى داڭلىق ئالىم سالۋادور مونكادانىڭ ھوندۇراسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  شۇ يەر ۋاقتى 5-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ ھوندۇراستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھوندۇراسنىڭ پايتەختى تېگۇسىگالپادا ئۆتكۈزۈلدى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ